ئامېرىكادىكى پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرى ئەنگلىيەدىمۇ كېڭىيىشكە باشلىدى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتىتىدا باشلانغان پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرى ئەنگلىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ كېڭىيىشكە باشلىدى.
2134439
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېۋكاستىل، بىرىستول، ۋارۋىك، لېئېد، شېففىلد ۋە شېففىلد خاللام ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپلىرىنىڭ قورۇلىرىدا يىغىلىپ، لاگېر قۇرۇپ، پەلەستىننى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشچى ئوقۇغۇچىلار ۋە خىزمەتچى – خادىملار ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى ئىسرائىلىيەنى قورال - ياراغ بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى توختىتىشقا چاقىردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ داڭلىق 50 دىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇغۇچىلار پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرىنى ئۆتكۈزمەكتە.
ساقچىلار نامايىشلار داۋامىدا يېقىنقى 2 ھەپتە ئىچىدە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1000 دىن ئارتۇق ئادەمنى قولغا ئالدى.