تالىبان شىۋېيتسىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى پائالىيەتلىرىنى توختاتتى

تالىبان ھۆكۈمىتى شىۋېيتسىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىگە يول قويغانلىقى ئۈچۈن توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

2009781
تالىبان شىۋېيتسىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى پائالىيەتلىرىنى توختاتتى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشكە يول قويغانلىقى ئۈچۈن، تاكى مۇسۇلمانلاردىن كەچۈرۈم سورىغانغا قەدەر شىۋېيتسىيەنىڭ ئافغانىستاندىكى بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

مۇجاھىد قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشنى پەسكەرلەچە قىلمىش دەپ ئاتىدى، ھەمدە بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ شىۋېيتسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

تالىبانلار 2021-يىلى 15-ئاۋغۇست كۈنى ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى قولغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، شىۋېيتسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كابۇلدىكى ۋاكالەتخانىلىرىنى تاقىغان بولسىمۇ، ئەمما شىۋېيتسىيەنىڭ بىر قىسىم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى بۇ دۆلەتتىكى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغانىدى.

شىۋېيتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا، ئەسلى ئىراقلىق سالۋان مومىكا 28-ئىيۇن كۈنى ستوكھولم جامەسىنىڭ ئالدىدا ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا قۇرئان كەرىمنى  كۆيدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر