رۇسىيە تۈركىيە - ناتو مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

رۇسىيە تۈركىيە شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ: «تۈركىيەنىڭ ناتو ئالدىدا مەجبۇرىيەتلىرى بار. بىز بۇنى چۈشىنىمىز» دېدى.

2009859
رۇسىيە تۈركىيە - ناتو مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرېمىلنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى مەسىلىسىدە ناتو ئالدىدا ئۆتەيدىغان مەجبۇرىيەتلىرى بار، بىز بۇنى چۈشىنىمىز...  گەرچە تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرىمىزدا پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى بولسىمۇ، ئەمما مۇناسىۋىتىمىزنى ياخشىلاشنى خالايمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسون ۋە ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ تۈنۈگۈن ۋىلنيۇستا كۆرۈشكەندىن كېيىن، باش كاتىپ ستولتېنبېرگ بايانات بېرىپ، تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى ۋە شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىنىڭ قارار چىقىرىشىغا سۇنۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر