خىتاي ئافغانىستاننىڭ قاشقەرى (قەشقەر) رايونىدا  نېفت چىقىرىشنى باشلىدى

ئافغانىستاندا تالىبان بىلەن خىتاينىڭ شىركىتى ھەمكارلىق ئورناتقاندىن كېيىن، سارى-پۇل ۋىلايىتىنىڭ قاشقەرى (قەشقەر) رايونىغا  جايلاشقان نېفت قۇدۇقتىن تۇنجى قېتىم نېفىت چىقىرىش باشلاندى.

2009703
خىتاي ئافغانىستاننىڭ قاشقەرى (قەشقەر) رايونىدا  نېفت چىقىرىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سارى-پۇل ۋىلايىتىگە قاراشلىق قاشقەرى  (قەشقەر) رايونىدا  نېفت قۇدۇقىدىن بىۋاستە ئىشلەپچىقىرىش باشلاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ كان ۋە نېفىت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋەكىلى شاھابەددىن دىلاۋەر بىلەن خىتاي شىركىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى قاتناشتى.

دىلاۋەر سۆزىدە بۇ رايوندىكى يەنە 15 نېفىت قۇدۇقىنىڭ 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە رېمونت قىلىنىپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

دىلاۋەر چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئافغانىستانغا تەكلىپ قىلىپ، كەلگۈسىدە بۇ ۋىلايەتتىكى نېفىت قۇدۇقلىرىدىن 100 توننا نېفىت چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تالىبان ھۆكۈمىتى ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى مازار شەرىف بىلەن شىبىرگان شەھەرلىرى ئوتتۇرىسىدا 95 كىلومىتىرلىق تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي شىركىتى (CAPEIC) ئوتتۇرىسىدا 5-يانۋاردا ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى ئامۇ دەرياسى ئەتراپىدا نېفىت چارلاش ۋە قېدىرىش كېلىشىمى ئىمزالانغان ئىدى.

كېلىشىمگە ئاساسەن، جۇزجان، فارىياب ۋە سار-پۇل قاتارلىق ۋىلايەتلەردە ئومۇمىي كۆلىمى 4500 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا نېفت ئىزدەش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلماقتا.

خىتاي شىركىتىنىڭ دەسلەپكى يىلى 150 مىليون دوللار، دەسلەپكى 3 يىلدا بولسا، جەمئىي 540 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىشى ئۈمىت قىلىنماقتا.

توختام مۇددىتىنىڭ 25 يىل ئىكەنلىكى ئەمما خىتاي شىركىتى 1 يىل ئىچىدە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلمىغان تەقدىردە، توختامنىڭ ئاپتوماتىك بىكار قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

تالىباننىڭ بۇ لەيىھەدىن دەسلەپتە %20 ئۈلۈشكە ئېرىشىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ %75 كىچە چىقىرىلىدىغانلىقى ھەمدە  بۇ لايىھە بىلەن 3 مىڭ ئافغانىستانلىقنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە سازاۋەر بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر