جوھاننىسبۇرگدا ئارىدىن 11 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم قار ياغدى

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ۋە ئىقتىسادىي پايتەختى جوھاننىسبۇرگدا 2012-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم قار ياغدى.

2009741
جوھاننىسبۇرگدا ئارىدىن 11 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم قار ياغدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي يېرىم شارغا جايلاشقان ۋە قىشنىڭ ئەڭ سوغۇق كۈنلىرىنى باشتىن كەچۈرۇۋاتقان جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي كاپ قاتارلىق بەزى رايونىدا ھەپتە ئاخىرىدىن بېرى قار يېغىش باشلاندى.

جوھاننىسبۇرگدا بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ قار ياغدى.

قار ناھايىتى ئاز ياغىدىغان جوھاننىسبۇرگ شەھىرىدە، ئاھالىلەر 11 يىلدىن كېيىن كۆرۈلگەن تۇنجى قارنىڭ پەيزىنى سۈرمەكتە.

جەنۇبىي ئافرىقا مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى (SAWS) نىڭ باياناتىدا، ناچار ھاۋارايىنىڭ ھەپتە بويىچە داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر