دۇنيا تاراتقۇلىرى تۈركىيە - شىۋېتسىيە - ناتو ئۈچ تەرەپ يىغىنىنى يېقىندىن كۆزەتتى

تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر دۇنيا مىقياسىدا كەڭ تەسىر قوزغىدى.

2009648
دۇنيا تاراتقۇلىرى تۈركىيە - شىۋېتسىيە - ناتو ئۈچ تەرەپ يىغىنىنى يېقىندىن كۆزەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى بۇ ئۆزگىرىشنى چاقماق خەۋەر سۈپىتىدە ئېلان قىلدى؛ بىلۇمبېرگ قانىلى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنى «تۈركىيە ناتونى كۈچەيتىش ئۈچۈن، شىۋېتسىيەنىڭ ئىتتىپاققا كىرىشىنى قوللاشقا قوشۇلدى» دېگەن تېما ئاستىدا تارقاتقان بولسا، «ۋال كوچىسى گېزىتى»، بۇ قەدەمنىڭ «رۇسىيەگە قارشى شەكىللەندۈرۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان ئىتتىپاقنى تاماملاش جەھەتتە مۇھىم» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. «نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى» مۇ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، «بۇ قارار، ئەردوغاننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاققا كىرىش جەھەتتىكى قەدەملىرىنى ئىلگىرىلىتىشى توغرىسىدىكى تەلىپىدىن كېيىن چىقىرىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

شىۋېتسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى — SVT، تۈركىيەنىڭ تەستىقىدىن كېيىن ناتوغا ئەزا بولىدىغان شىۋېتسىيەنىڭ 200 يىللىق بىتەرەپلىك سىياسىتىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

گېرمانىيەنىڭ «بىلد» گېزىتىدە: «ئەردوغان شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ يولىنى ئاچتى» دېگەن قاراشقا ئورۇن بېرىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ «سكاي نيۇز» خەۋەرلەر قانىلى، تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى توغرىسىدىكى قارارىنى «ستولتېنبېرگ ئەردوغاننىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا كىرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېگەن تېما ئاستىدا كۆرۈرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان بولسا، «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى»، «تۈركىيە شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى قوللاشقا قوشۇلدى» دېدى.

گىرېتسىيە مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىنى «ئەردوغان ناتوغا يېشىل چىراغ ياقتى» دېگەن ماۋزۇدا تارقاتتى.

گىرېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى — ERT، ستولتېنبېرگنىڭ قارار توغرىسىدىكى «تارىخىي قەدەم» دېگەن سۆزىنى باش تېما قىلدى.

مەزكۇر قارار، ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە بالقان مەتبۇئاتلىرىدىمۇ كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر