بايدىن تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيە قارارىدىن مەمنۇن

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) گە سۇنۇش قارارىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2009662
بايدىن تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيە قارارىدىن مەمنۇن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى تەستىقلاش مەقسىتىدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە سۇنۇش ۋەدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، تۈركىيە، شىۋېتسىيە ۋە ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتلارنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ياۋروپا-ئاتلانتىك رايونىنىڭ مۇداپىئەسىنى ۋە ھەربىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشقا تەييارمەن» دېدى.

ئۇ شىۋېتسىيەنى ناتونىڭ 32-ئەزاسى سۈپىتىدە قارشى ئېلىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگنىڭ قەتئىيلىك بىلەن قوللىغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتتى.

ئامېرىكانىڭ بەزى كونگرە ئەزالىرىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە سۇنىدىغانلىقىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر