ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى فىرانسىيەنىڭ قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى

ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسى فىرانسىيەنىڭ تۈرمىلەرگە ھەددىدىن زىيادە مەھبۇس قاماش ئارقىلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى.

2008281
ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى فىرانسىيەنىڭ قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ھۆكۈمنامىگە ئاساسلانغاندا، پارىژنىڭ جەنۇبىدىكى فرېسنېس تۈرمىسىدە ياتقان ئۈچ سابىق مەھبۇس،  2016- 2019- يىللىرى قامالغان مەزكۇر تۈرمىدىكى قىستاڭچىلىقنى پاكىت كۆرسىتىپ، فىرانسىيە ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇپ غەلىبە قىلغان.

سوت مەھكىمىسى ئىككى فىرانسىيەلىك بولۇپ جەمئىي ئۈچ مەھبۇسنىڭ 2019- يىلى تولۇپ كېتىش نىسبىتى %197 گە يەتكەن تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ 3- ۋە 13- ماددىلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى.

مەزكۇر ماددىلارنىڭ بىرىنچىسى، «ھېچكىمگە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلىغۇچى مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدىغانلىقى»نى، ئىككىنچىسى بولسا، «ھەق – ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكى — ھەتتا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن بولسىمۇ — دەخلى- تەرۇزغا ئۇچرىغان ھەر بىر شەخسنىڭ ئۇنى قوغدايدىغان ئەدلىيە ئورۇنلىرىغا ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى»نى مەزمۇن قىلىدۇ.

2020 – يىلىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر دېلودا فىرانسىيەنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغان ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسى، بۇ دېلودىمۇ باشقىچە يەكۈن چىقىرىشقا بولىدىغان ھېچقانداق سەۋەب يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فىرانسىيە دۆلىتىنى ئەرز سۇنغان مەزكۇر ئۈچ كىشىگە 46 مىڭ ياۋرو جەرىمانە تۆلەشكە ھۆكۈم قىلدى.

سوت مەھكىمىسى يەنە، مەزكۇر مەھبۇسلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى قانۇن ئورگانلىرىغا مۇراجىئەت قىلىش يوللىرى تۈگىمەي تۇرۇپ، ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشىنىڭ پىرىنسىپقا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

فىرانسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغان ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، فىرانسىيە تۈرمىلىرىدىكى قىستاڭچىلىق نىسبىتى %120 كە ئۆرلىگەن بولۇپ، نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن 15 مىڭ مەھبۇس بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر