خىتاي بەزى مېتاللارنىڭ ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويدى

خىتاي ئۆزەك ۋە ئېلېكترونلۇق ئەشيالارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىدا قوللىنىلىدىغان گاللىيۇم ۋە گېرمانيۇم مېتاللىرىنىڭ ئېكسپورتىغا، «دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش» نامى ئاستىدا چەكلىمە قويدى.

2006743
خىتاي بەزى مېتاللارنىڭ ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئۆزەك ۋە ئېلېكترونلۇق ئەشيالارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىدا قوللىنىلىدىغان بەزى مېتاللارنىڭ ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويۇلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن گاللىيۇم ۋە گېرمانيۇمغا مۇناسىۋەتلىك مېتاللارغا ئېكسپورت چەكلىمىسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى قارار قىلىندى.»

چەكلىمە بويىچە بولغاندا، يۇقىرىدىكى مېتاللارنى ئېكسپورت قىلىشتا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن رۇخسەت ئېلىشقا توغرا كېلىدىكەن. قارار 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.

خىتاي دۇنيادا گاللىيۇم ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ %95 نى، گېرمانيۇم ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ %67 نى ئىگىلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر