رۇسىيە قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىسىزمۇ رۇسىيەنىڭ ئاشلىق ئېكسپورتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى بىكار بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، رۇسىيەنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2005739
رۇسىيە قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىسىزمۇ رۇسىيەنىڭ ئاشلىق ئېكسپورتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ سىن كۆرۈنۈشلۈك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى سۆزىدە، قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى بىكار بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، رۇسىيەنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىمايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «ھەر قانداق ئەھۋالدا، بىزنىڭ ئوغۇت ۋە ئاشلىق ئېكسپورتىمىز داۋاملىشىدۇ. مەن شېرىكلىرىمىزنىڭ زىيانغا ئۇچرىمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

مىنىستىر لاۋروۋ ئاشلىق كېلىشىمىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئاشلىق ئېكسپورتىغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىنىڭ سودا خاراكتېرىگە ئىگە بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئاشلىقنىڭ %2.5 تىن بىر ئاز كۆپرەكىنىڭ ئەڭ نامرات دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنغانلىقىنى، كېلىشىم بىكار قىلىنغان ئەھۋال ئاستىدا، رۇسىيەنىڭ چىقىملىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھالدا، ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياكى تېخىمۇ  كۆپ مىقداردا ئاشلىق بىلەن ھەقسىز تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى»نى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر