بايدىن ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىنانى قوللاشتىكى تەۋرەنمەس مەيدانىنى تەكرارلىدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا بولغان تەۋرەنمەس قوللىشىنى تەكرارلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
ئاقساراي بايدىن-زېلېنسكىي تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۆزىنى قوغدىشى مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا، بايدىننىڭ ئامېرىكانىڭ ئۇكرائىناغا بولغان تەۋرەنمەس قوللىشىنى تەكرارلاپ، بىخەتەرلىك، ئىقتىسادىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
باياناتتا يەنە، بايدىن بىلەن زېلېنسكىينىڭ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قارشى باشلىغان قايتۇرما ھۇجۇملىرىنى ۋە رۇسىيە ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلغانلىقى بىلدۈۈرلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا – خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى سىنگاپوردا كۆرۈشىدۇ
ئامېرىكا – خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى كېلەر ھەپتە سىنگاپوردا تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشىدۇ.