خەلقئارا جەمئىيەت رۇسىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە

خەلقئارا جەمئىيەت ۋاگنېر بىخەتەرلىك شىركىتى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا باش كۆتۈرگەن كىرىزىس توغرىسىدا ئارقا - ئارقىدىن باياناتلارنى ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2003933
خەلقئارا جەمئىيەت رۇسىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلىز مىشېل ۋاگنېر گۇرۇپپىسىنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشىدىن كېيىن باشلانغان ۋەقەلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ رۇسىيەنىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىشېل تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ ياۋروپا رەھبەرلىرى ۋە يەتتە دۆلەت گۇرۇھىدىكى شېرىكلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن، بۇ ۋەقەنىڭ «رۇسىيەنىڭ ئىچكى مەسىلىسى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مىشېل يەنە: «بىزنىڭ ئۇكرائىنا ۋە ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينى قوللىشىمىزدا تەۋرىنىش يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن رۇس بىخەتەرلىك شىركىتى — ۋاگنېر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

CNN خەۋەرلەر قانىلى ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى باياناتچىسى ئادام خودجنىڭ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇغا دوئېل ئېلان قىلغان ۋاگنېرنىڭ قۇرغۇچىسى يېۋگېنىي پرىگوجىننىڭ «قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىن ئۆتۈپ، رۇسىيە تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكى» توغرىسىدا توختىلىپ: «ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىۋاتىمىز. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىنمۇ ۋەقەدىن ۋاقىپلاندۇرۇلدى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، باياناتچى خودج ئىتتىپاقداش ۋە شېرىك دۆلەتلەر بىلەن رۇسىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇھاكىمە قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

پولشا پىرېزىدېنتى ئاندرېج دۇدامۇ باش مىنىستىر ماتېز موراۋىيېككى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى بىلەن رۇسىيەدە يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «شەرقىي چېگرامىزنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ۋەقەلەر ئىزچىل كۆزىتىلىۋاتىدۇ» دېدى.

دۇدا تىۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، رۇسىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەنمۇ سۆزلەشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى سائۇلى نىئىنىستو ۋاگنېر گۇرۇپپىسىنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈشىنىڭ «رۇسىيەنىڭ ئىچكى مەسىلىسى» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «رۇسىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر فىنلاندىيە ۋە باشقا جايلاردا يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە. پىرېزىدېنت (ۋىلادىمىر) پۇتىننىڭ سۆزى ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

لاتۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېدگارس رىنكېۋىچمۇ ۋەقە توغرىسىدا توختىلىپ: «رۇسىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. ئالاقىدار ئورگانلار ھازىر ۋەزىيەت ۋە زۆرۈر بولغان قوشۇمچە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

رىنكېۋىچ لاتۋىيەنىڭ پۇقرالىرىنى رۇسىيە ۋە بېلارۇسىيەگە بارماسلىققا ۋە ئۇ يەردىكى پۇقرالىرىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشكە چاقىرغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيە بىخەتەرلىك شىركىتى ۋاگنېرنىڭ قۇرغۇچىسى يېۋگېنىي پرىگوجىن رۇسىيە ئارمىيەسىنى ۋاگنېر گازارمىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، شىركەتنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

بۇ باياناتتىن كېيىن، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋاگنېر ئۈستىدىن «قوراللىق توپىلاڭ كۆتۈرۈش» جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى توغرىسىدا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغانىدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋاگنېرنىڭ «رۇسىيە ئارمىيەسى گازارمىلىرىمىزغا ھۇجۇم قىلدى» دېگەن ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر