پاكىستان باش مىنىستىرى شى جىنپىڭدىن چوڭقۇر مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

پاكىستان بىلەن خىتاي چاشما (Chashma) يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىغا قىممىتى 4.8 مىليارد دوللار بولغان 1200 مېگاۋاتلىق يېڭى يادرو رېئاكتورى ياساش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

2002593
پاكىستان باش مىنىستىرى شى جىنپىڭدىن چوڭقۇر مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Geo News» تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرىلىشىچە، پايتەخت ئىسلامئابادتا چاشما يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىغا 5-يادرو رېئاكتور قازىنى ياساش كېلىشىمىنى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

خىتاي مەملىكەتلىك يادرو شىركىتى (CNNC) نىڭ باشلىقى ۋاڭ يوڭگې بىلەن پاكىستان ئاتوم ئېنېرگىيەسى كومىتېتى(PAEC)  نىڭ باشلىقى مۇھەممەد سەئىد، چاشما يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىغا قىممىتى 4.8 مىليارد دوللار قىممىتىدە 1200 مېگاۋاتلىق رېئاكتور قازىنى ياساش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.

مۇراسىمغا، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف قاتناشتى. ئۇ مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدا كېلەچەك ئۈچۈن بېسىلغان مۇھىم قەدەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ 2023-يىلى فېۋرالدا خىتاينىڭ ياردىمىدە «K-3» يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ ئۈچىنچى رېئاكتور قازىنىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى، بۈگۈن (21-ئىيۇن) بولسا «5-چاشما» رېئاكتور قازىنى ئۈچۈن ئىمزا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئاخىرىدا، خىتايغا ئىقتىسادىي ياردىمى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭدىن چوڭقۇر مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر