ب د ت: تېررورىزم دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس «تېررورىزمنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى» تەكىتلەپ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى خەلقئارالىق سەۋىيەدە قوللاش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

2001899
ب د ت: تېررورىزم دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس ب د ت نىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدىكى باش ئورگىنىدا چاقىرىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئورگانلىرىنىڭ 3-قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا سۆز قىلدى.

گۇتېررېس مۇنداق دېدى: «تېررورىزم دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. دەرۋەقە، تېررورىزم رايونلۇق ۋە دۆلەتلىك بىخەتەرلىك يوچۇقلىرى، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك سىستېمىلىرىنىڭ مۇقىمسىزلىقلىرىدىن پايدىلانماقتا.»

نامراتلىق، تەڭسىزلىك ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن چەتكە قېقىش قىلمىشلىرىنىڭ تېررورىزمنى بارغانسېرى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن گۇتېررېس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تېررورىزمنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەلىرىنى پۇل يۇيۇش، قانۇنسىز كان ئېچىش، قورال - ياراغ، زەھەرلىك چېكىملىك، قەدىمكى ئەسەرلەر ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق جىنايى ھەرىكەتلەر تەشكىل قىلىدۇ.»

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېس تېررورىزمغا قارشى كۈرەش يىغىنىدا ئۆزىنىڭ ھەل قىلىش تەكلىپلىرىنى تۆت ماددىلىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويدى.

گۇتېررېس تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ بىرىنچى ماددىسى سۈپىتىدە، بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ مەركىزى بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەر شارىۋى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىستراتېگىيەسى ئورگىنىنى مۇستەھكەملەشنى تەلەپ قىلدى، ھەمدە تېررورىزمغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىش چارە – تەدبىرلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ۋە بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىقتىسادىي مەبلەغ ئاجرىتىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەر شارىۋى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئىستراتېگىيەسى ھەققىدىكى كۆزدىن كەچۈرۈش قارارىنىڭ ئومۇمىي كېڭەش تەرىپىدىن بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئەزا دۆلەتلەر تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش  ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشلىرى لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر