رادىكال يەھۇدىلار مەسجىدى ئەقساغا يەنە بېسىپ كىردى

ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا نەچچە ئونلىغان رادىكال يەھۇدى مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىردى.

2001199
رادىكال يەھۇدىلار مەسجىدى ئەقساغا يەنە بېسىپ كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى <WAFA> نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەھۇدىي كۆچمەنلەر ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەغارىبە دەرۋازىسى ئارقىلىق ھەرەم-شەرىفكە بېسىپ كىرگەن.

رادىكال يەھۇدىلار مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىسىدا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپلا قالماستىن، يۇمۇلاق ئايلىنىپ] دىنى مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزگەن.

ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بولسا، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەرەم-شەرىفكە كىرىشىنى چەكلەپ، بەزى پەلەستىنلىكلەرنى قولغا ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر