ھىندىستاندىكى پويىز ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 290 غا يەتتى

ھىندىستاننىڭ ئورىسسا ئۆلكىسىدە 3 – ئىيۇندا يۈز بەرگەن پويىز ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 290 غا يەتتى.

2000995
ھىندىستاندىكى پويىز ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 290 غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆلكىگە قاراشلىق بالاسور رايونىدىكى باھاناگا بازار ۋوگزالىغا يېقىن جايدا، ئىككى يولۇچى ۋە بىر يۈك پويىزى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە يەنە ئىككى كىشى قازا قىلغان.

شۇنداق قىلىپ، 900 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان مەزكۇر ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 290 غا يەتكەن.

تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدە، دەسلەپكى ئېنىقلاشقا ئاساسەن، ۋەقەگە «سىگنال خاتالىقى» سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

ھىندىستان دۆلەتلىك تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسالانغاندا، بۇ ۋەقە ھىندىستاندا يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان  يۈز بەرگەن «ئەڭ چوڭ پويىز ۋەقەسى» دەپ قەيت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر