شىۋىيېتسارىيەدە ئەردوغان ۋە تۈركىيە بايرىقىغا قارشى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىندى

شىۋىيېتسارىيەنىڭ زۇرىخ شەھىرىدە دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە بايرىقىغا قارشى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

1999896
شىۋىيېتسارىيەدە ئەردوغان ۋە تۈركىيە بايرىقىغا قارشى ئىغۋاگەرچىلىك قىلىندى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى : شىۋىيېتسارىيەدە «زۇرىخ  ئىنقىلابىي ھەرىكەت كوللېكتىپى» ناملىق گۇرۇپپا زۇرىخ شەھىرىدىكى UBS بانكىسىنىڭ ئالدىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ئوخشايدىغان قورچاق ۋە تۈركىيە بايرىقىنى كۆيدۈردى.

شىۋىيېتسارىيەدىكى مىڭلىغان كىشىلەر تەشكىللىگەن «ئاياللار ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلارنىڭ ئىش تاشلىشى» نامايىشىغا سىڭىپ كىرگەن بۇ گۇرۇپپا UBS بانكىسىنىڭ ئالدىدا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ھارپىسىدا «ئەردوغاننى ئۆلتۈرۈڭ» دېگەن خەت يېزىلغان ۋىۋىسكىنىمۇ كۆتۈردى.

بۇ ۋىۋىسكا بىلەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ئوخشايدىغان قورچاقنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Instagram سەھىپىسىدە ھەمبەھىرلىگەن بۇ گۇرۇپپا يەنە، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدىمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ئوخشايدىغان قورچاق كۆيدۈرۈۋېتىلگەن بىر ۋىدېئونىمۇ تارقاتتى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شىۋىيېتسارىيە ساقچىلىرى بۇ نامايىشتىن ئۆزلىرىنىڭ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ۋە رۇخسەتسىز ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىغا قارىتا، تۈركىيەنىڭ بېرن ئەلچىخانىسى ۋە زۇرىخ كونسۇلخانىسىنىڭ شىۋىيېتسارىيە فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىلىرىدىكى نارازىلىق تەشەببۇسلىرى داۋاملاشماقتا.

2017-يىلى 25-مارت كۈنى، شىۋىيېتسارىيەنىڭ پايتەختى بېرندىكى فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئالدىدىكى پارلامېنت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن «خالىمايمىز» نامايىشىدا، قارا تەگلىك ۋىۋىسكىغا ئەردوغاننىڭ بېشىغا مىلتىق تەڭلەنگەن سۈرىتى چۈشۈرلگەن ۋە «ئەردوغاننى ئۆلتۈرۈڭ» دېگەن خەت يېزىلغان، بۇ ۋىۋىسكىنىڭ ئاستىغا بولسا «ئۆز قوراللىرى بىلەن» ئىبارىسى قىستۇرۇلغانىدى.

بۇ ۋىۋىسكىنى كۆتۈرگەن جاۋابكارلار ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇلغان، 2022-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى باشلانغان سوتتا، سوتچى 9-مارت كۈنى تۆت جاۋابكارنى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقارغانىدى.

2022-يىلى 8-ئايدا، بېرن باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى بېرن رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدىكى سوتتا، مەزكۇر جاۋابكارلار ئۈستىدىن «گۇناھسىز» دەپ ھۆكۈم چىقىرىلىشىغا ئېتىراز بىلدۈرۈلۈپ ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر