رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ يېرىم كېچىدە ئۇكرائىنانىڭ كرىۋىي رىخ شەھىرىگە كەڭ كۆلەملىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قوزغاپ، كەم دېگەندە ئۈچ ئادەمنىڭ ئۈلۈشى، 25 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1998789
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرىۋىي رىخ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى ئولېكساندىر ۋىلكۇل رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن بىنانىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى، بومبىلاردىن بىرىنىڭ پۇقرالار ئولتۇرىدىغان بەش قەۋەتلىك بىر بىناغا چۈشۈپ، ئۈچ پۇقرانىڭ ئۆلۈشىنى، 25 پۇقرانىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋمۇ رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى؛ ئۇكرائىنا ئارمىيەسى كىېيۋغا قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ 7- ئاينىڭ 17-كۈنى مۇددىتى توشىدىغان قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۆتكەن يىلى تۈركىيە بىلەن ب د ت نىڭ مۇرەسسە قىلىشى نەتىجىسىدە ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى ئىمزالاپ، رۇسىيە تەرىپىدىن قامال قىلىۋېلىنغان ئۇكرائىنانىڭ قارا دېڭىزدىكى پورتلىرىدىن ئاشلىق ئېكسپورت قىلىشىنىڭ يولىنى ئاچقانىدى.

موسكۋا ئۆزىنىڭ ئاشلىق ۋە ئوغۇت توشۇش خىزمەتلىرى ئالدىدىكى توسالغۇلار ئېلىپ تاشلانمىغان تەقدىردە، كېلىشىمدىن چېكىنىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرمەكتە.

گۇتېررېس تۈنۈگۈن مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ: «مەن ئەنسىرەۋاتىمەن. بىز قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە رۇسىيەنىڭ ئېكسپورتىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر