سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكا بىرلەشمە ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزدى

سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ تۋىتتېر ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مانېۋىرنىڭ «ھەربىي تەييارلىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش» نى مەقسەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1998222
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكا بىرلەشمە ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان-ئامېرىكا بىرلەشمە ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرىدا، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە يىراق مۇساپىلىق ئىستراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان <B-1 Lancer> ۋە <F15> كۈرەشچى ئايروپىلانلار قاتناشتۇرۇلدى.

مانېۋىردا، ئوق ئېتىش مەيدانىدىىكى تەقلىدىي نىشانلارنى يوقىتىش ئۈچۈن راست ئوق ئىشلىتىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا 30 – مايدا پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى (GCC) دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن «22-بۈركۈتنىڭ ئىرادىسى» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

2022-يىلى مارتتىمۇ «22-بۈركۈتنىڭ ئىرادىسى» ناملىق ئامېرىكا – پارس قولتۇقى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر