شىۋىيېتسارىيە ئاۋام پالاتاسى ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش تەكلىپىنى رەت قىلدى

شىۋېيتسارىيە ئاۋام پالاتاسى ئۇكرائىنانى بەش 5 مىليارد شىۋېيتسارىيە فىرانكى (5 مىليارد 500 مىليون دوللار) ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلەش تەكلىپىنى رەت قىلدى.

1997725
شىۋىيېتسارىيە ئاۋام پالاتاسى ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش تەكلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېيتسارىيە تاراتقۇلىرى، شىۋىيېتسارىيە ئاۋام پالاتاسى تاشقى سىياسەت كومىتېتىنىڭ بەش يىلدىن ئون يىلغىچە بولغان جەرياندا ئۇكرائىناغا بەش مىليارد شىۋىيېتسارىيە فىرانكى ياردەم بېرىش تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

شىۋېيتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىگنازىئو كاسىس قارار ھەققىدە بايانات بېرىپ، شىۋېيتسارىيەنىڭ ئۇكرائىنا خەلقى ئۈچۈن ئۈچ تۈرلۈك قوللاش پىلانى تەييارلىغانلىقىنى، داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئۇكرائىنانىڭ قايتا قۇرۇش مۇساپىسىدە قانچىلىك مەبلەغكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىيەلمىگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شىۋېيتسارىيە ئاللىقاچان ئۇكرائىناغا غايەت زور ئىقتىسادىي ياردەم قىلدى. شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا 2025- يىلدىن 2028- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇكرائىنا ۋە رايونغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن تەخمىنەن بىر يېرىم مىليارد فىرانك مەبلەغ ئاجرىتىپ بولدى».

ئىگىلىنىشىچە، ياردەملەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى، پۇقرالارنى قوغداش، مىنا تازىلاش ۋە تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى پىلانلانماقتا ئىكەن.

بۇ قارارنىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭ شىۋېيتسارىيە پارلامېنتىدا قىلىدىغان سۆزىدىن بىر ھەپتە بۇرۇن چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش مەسىلىسىنىڭ 12- ئىيۇن يەنە بىر قېتىم پارلامېنتتا مۇزاكىرە قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر