بلىنكېن خىتايدا زىيارەتتە بولۇشقا تەييارلانماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ مۇشۇ ئاي (2023-يىلى ئىيۇن) نىڭ ئاخىرىدا خىتاينى زىيارەت قىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

1997168
بلىنكېن خىتايدا زىيارەتتە بولۇشقا تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋال سترىت ژۇرنال گېزىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مىنىستىر ئانتونى بلىنكېننىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتاينى زىيارەت قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ فېۋرال ئېيىدا، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا جىددىيچىلىك پەيدا قىلغان «جاسۇس شار» ۋەقەسىدىن ئىلگىرى خىتاينى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغانلىقى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن خەۋەردە، نۆۋەتتە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بلىنكېننىڭ زىيارىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

مىنىستىر بلىنكېننىڭ بېيجىڭدا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان خەۋەردە، ئانتونى بلىنكېننىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈش – كۆرۈشمەسلىك مەسىلىسدە ئارىسالدا بولۇپ قالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئانتونى بلىنكېن ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەن شارنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلىشى پەيدا قىلغان كىرىزىس سەۋەبىدىن فېۋرال ئېيىدىكى خىتاي زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى.

كىرىزىس سەۋەبىدىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان بىلەن خىتاينىڭ پىشقەدەم دىپلوماتى، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى 10- مايدىن 11- مايغىچە ئاۋستىرىيەنىڭ ۋىيېننا شەھىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا قەدەم تاشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر