ئېكۋادوردا كەلكۈن ئاپىتىدە 15 مىڭ ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىدى
جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئېكۋادوردا قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە 15 مىڭ كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېكۋادور تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قارا يامغۇر ئېكۋادورنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېسمېرال شەھىرىدە كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئېكۋادور ئۇچۇر – ئالاقە كاتىبات باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلكۈن ئاپىتىدە 15 مىڭ كىشى تالاپەتكە ئۇچرىغان، 842 كىشى ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 1467 كىشى خەلق مۇداپىئە ئەترىتى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان.
ئېكۋادور ئۇچۇر – ئالاقە كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باياناتىدا تەكىتلىنىشىچە، بىر ئايلىق ھۆل-يېغىن ھېسابلىنىدىغان قارا يامغۇر 12 سائەت ئىچىدە ياغقانلىقى سەۋەبىدىن، ھازىرغىچە 2 مىڭ 895 ئۆي – ماكان زىيانغا ئۇچرىغان.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بەزى رايونلاردا توك ۋە ئىچىملىك سۇ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش تېخىچە ئەسلىگە كەلمىگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

پاكىستان: قاراباغ ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زېمىنى
پاكىستان قاراباغنى ئەزەربەيجاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق زېمىنى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.