پۇتىن رۇسىيە - قىرغىزىستان ئورتاق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى كېلىشىمىنى قانۇنىنى ئىمزالىدى

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن دۆلىتى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ رايون خاراكتېرلىك بىرلەشمە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇش كېلىشىمىنى ماقۇللاشنى مەزمۇن قىلغان قانۇننى ئىمزالىدى.

1992544
پۇتىن رۇسىيە - قىرغىزىستان ئورتاق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى كېلىشىمىنى قانۇنىنى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەتلىك قانۇن ئۇچۇر سىستېمىسىدا ئېلان قىلغان پۇتىن تەرىپىدىن ئىمزالانغان قانۇنغا ئاساسەن، رۇسىيە بىلەن قىرغىزىستان بىرلەشمە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى شەكىللەندۈرىدۇ.

بۇ سىستېمىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىر گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكى، بۇ ئارقىلىق رايوننىڭ ھاۋا مۇداپىئەسىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 2022- يىلى 8- ئاينىڭ 16- كۈنى ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، قىرغىزىستان رۇسىيەنى ۋاقىتلىق يەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مۇستەقىل دۆلەتلەر بىر گەۋدىسىنىڭ باشقا رايونلۇق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان رۇسىيە- قىرغىزىستان رايون خاراكتېرلىك بىرلەشمە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى ئورۇندايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر