رۇسىيە سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما قاتارلىق 500 ئامېرىكا پۇقراسىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

رۇسىيە سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 500 ئامېرىكا پۇقراسىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

1988713
رۇسىيە سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما قاتارلىق 500 ئامېرىكا پۇقراسىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ رۇسىيە ئەمەلدارلىرى ۋە پۇقرالىرىغا ئۈزلۈكسىز ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكى ئەسكەرتىلدى. بۇنىڭغا جاۋابەن 500 ئامېرىكا پۇقراسىغا قارىتا ئېمبارگو قارارىنىڭ ئېلىنغانلىقى ۋە مەزكۇر شەخسلەرنىڭ رۇسىيەگە كىرىشى چەكلەنگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن 500 كىشىنىڭ ئىسملىرى ئېلان قىلىندى.

تىزىملىكتە سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىمۇ ئۆز ئىگە ئالغان سىياسىي مەسئۇللار، پالاتا ئەزالىرى ۋە قۇرۇلتاي ئەزالىرى، ھەمدە «رۇسىيە ھەققىدە يالغان ئۇچۇر تارقاتقان» دېگەن سەۋەب بىلەن مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئانالىزچىلار شۇنداقلا  «ئۇكرائىناغا قورال يۆتكىگەن دېگەن»  باھانە بىلەن مۇداپىئە ساھەسىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ئورۇن ئالدى.

رۇسىيەگە قارىتىلغان ھەر قانداق «دۈشمەنلەرچە» قەدەمنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا يەنە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ نيۇيوركتىكى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىنغا قاتناشماقچى بولغان رۇسىيە مۇخبىرلىرىغا ئامېرىكا ۋىزىسى بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، شۇڭلاشقا ئامېرىكانىڭ موسكۋادىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ رۇسىيەدە جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان ئامېرىكالىق ژۇرنالىستنى زىيارەت قىلىش تەلىپىنىڭمۇ رەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر