شىئەندە چاقىرىلغان «خىتاي - ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى باشلىقلار يىغىنى» داۋاملاشماقتا

خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەتنى بىر يەرگە جەم قىلغان خىتاي - ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى تارىخىي يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قارىلىۋاتقان خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شىئەندە باشلاندى.

1988347
شىئەندە چاقىرىلغان «خىتاي - ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى باشلىقلار يىغىنى» داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى شىئەننىڭ شىمالىدىكى 7 - ئەسىردىن 10 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا خىتايدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان تاڭ سۇلالىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ياسالغان جەننەت باغچىسىدىكى بىنەپشە بۇلۇت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن رەپىقىسى پىڭ لىيۈەن ساراينىڭ ئالدىدا مېھمان رەھبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىنى كۈتۈۋالدى.

مۇراسىمغا قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋ، تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راھمان، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ ۋە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ قاتارلىقلار قاتناشتى.

رەھبەرلەر باشلىقلار يىغىنى ئىشتىراكچىلىرىغا بېرىلگەن كەچلىك زىياپەتتە بىر يەرگە جەم بولدى؛ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ زىياپەت ئەسناسىدىكى سۆزىدە، تارىخىي يىپەك يولىنىڭ غەربتىكى باشلىنىش نۇقتىسى بولغان شەنشى ئۆلكىسىنىڭ 2000 يىلدىن بۇيان خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇق رىشتىسىگە شاھىت بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «خەلقلىرىمىز مىڭ يىللاردىن بۇيان ماللار ۋە پىكىرلەرنى ئالماشتۇرۇپ كەلدى، بىر – بىرىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ يارقىن سەھىپىسى بولغان قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ ھەشەمىتىنى بىرلىكتە ۋۇجۇدقا چىقاردى» دېدى.

خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ 1992 - يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، خەلقئارا مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىماي، ئىزچىل ھالدا بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەپ ۋە قوللاپ كەلگەنلىكىنى، ياخشى قوشنىدارچىلىق ۋە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنىڭ كۇيىدا بولغانلىقىنى تىلغا ئالغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، مۇناسىۋەتلەرنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تارىخىي سەكرەش ھاسىل قىلىپ، ياخشى قوشنىدارچىلىقتىن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىككە ۋە «ئورتاق كەلگۈسىنى ئورتاقلىشىغان جەمئىيەت»كە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ خىتاي - ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ بۇ بىر ئەۋلاد رەھبەرلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇناسىۋەتلەردىكى يېڭى دەۋرنىڭ باشلانغۇچى بولىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي - ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى بېيجىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى «C + C5» ھەمكارلىقىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى قاتلىمىدىكى تۇنجى يىغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر