قاتار تۈركىيە بىلەن ب د ت نىڭ ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى

قاتار تۈركىيە بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ ئۇكرائىنا ئاشلىقىنى سىرتقى دۇنياغا يۆتكەش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى يەنە ئىككى ئاي ئۇزارتىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى.

1988463
قاتار تۈركىيە بىلەن ب د ت نىڭ ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، قاتارنىڭ قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاشلىق يۆتكەش خىزمەتلىرىنىڭ دۇنيادىكى يېمەكلىك كىرىزىسىنى پەسەيتىشكە ياردەمچى بولۇشى ئۈمىد قىلىنغان باياناتتا، قاتارنىڭ ب د ت بىلەن تۈركىيەنىڭ بۇ جەرياندا كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە: «بىز قاتارنىڭ رۇسىيە - ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدەش يولىدىكى بارلىق خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 18 – ماي مۇددىتى توشىدىغان قارا دېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ مۇددىتىنى يەنە ئىككى ئۇزارتىشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

مەزكۇر كېلىشىم 2022- يىلى 7- ئاينىڭ 22- كۈنى ئىستانبۇلدا تۈركىيە، ئۇكرائىنا، رۇسىيە ۋە ب د ت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر