ياۋروپا كېڭىشى رۇسىيەنى ئۇرۇش جىنايىتى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىش ھەققىدە قەدەم تاشلىدى

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ 4-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا رۇسىيەنى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش جىنايىتى تۈپەيلى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ دەسلەپكى قەدىمى سۈپىتىدە بىر مېخانىزم ئورنىتىش قارار قىلىندى.

1988111
ياۋروپا كېڭىشى رۇسىيەنى ئۇرۇش جىنايىتى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىش ھەققىدە قەدەم تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ئىسلاندىيەنىڭ پايتەختى رېيكياۋىكتا چاقىرىلغان 4 – نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا، 46 ئەزا دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى، شۇنداقلا كانادا، ياپونىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلەشمە باياننامەنى ئىمزالىدى.

باياننامەگە ئاساسەن، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا كەلتۈرگەن زىيىنى ئۈچۈن تۆلەم تۆلىشىنىڭ دەسلەپكى قەدىمى  سۈپىتىدە «زىياننى ئېنىقلاپ چىقىش» مېخانىزمى ئورنىتىلدى.

بۇ مېخانىزم 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملار نەتىجىسىدە زىيانغا ئۇچرىغان بارلىق كىشىلەر،  ئۇكرائىنا دۆلىتى تارتقان بارلىق زىيانلار توغرىسىدا دەلىل-ئىسپات  ۋە ھۆججەتلەرنى توپلايدۇ.

رەھبەرلەر بىر تەلەپ ھەيئىتى ۋە تۆلەم مەبلىغىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مېخانىزىمنى كېڭەيتىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

تاجاۋۇزچىلىق جىنايەتلىرى ئۈچۈن مەخسۇس سوت كوللېگىيەسى قۇرۇش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرىلەشلەردىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان رەھبەرلەر رۇسىيەنى بولۇپمۇ بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن ئۇكرائىنا پۇقرالىرىنى  دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

رەھبەرلەر ئايرىم بىر باياننامە ئارقىلىق، رۇسىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن قانۇنسىز ھالدا چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان بالىلارنىڭ قايتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنى قوللىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر