خىتاي - ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى شىئەندە داۋاملاشماقتا

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىملىق خىتاي - ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۆلىتىگە بارغان تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1988171
خىتاي - ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى شىئەندە داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇچرىشىشتا شى جىنپىڭنىڭ تۈركمەنىستاننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 1992- يىلىدىن بۇيان ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ياقلىغان ھالدا ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ زور ھەمكارلىق ئورنىتىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، بەردىمۇھەممەدوۋنىڭ يانۋار (2023)دىكى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى «ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى» دەرىجىسىگە كۆتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن شى، ھەمكارلىقنى خىتاي ۋە تۈركمەنىستان خەلقى ئۈچۈن پايدىلىق شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەتنى بىر يەرگە جەم قىلغان خىتاي - ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى تارىخىي يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قارىلىدىغان خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شىئەندە ئۆتكۈزۈلمەكتە.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلغان باشلىقلار يىغىنىغا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋ، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سادىر جاپاروۋ، تاجىكىستان پىرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمان، تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ ۋە ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر