تۇنىسنىڭ سابىق پارلامېنت باشلىقى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۇنىستا «ئەننەھدە ھەرىكىتى» نىڭ رەھبىرى، سابىق پارلامېنت باشلىقى راشىد ئەلغەننۇشى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھاقارەت قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1987188
تۇنىسنىڭ سابىق پارلامېنت باشلىقى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس يەرلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، «ئەننەھدە ھەرىكىتى» نىڭ رەھبىرى، سابىق پارلامېنت باشلىقى راشىد ئەلغەننۇشى دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە «تاغۇت» دەپ ھاقارەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن سوتقا تارتىلغان. سوت مەھكىمىسى ئەلغەننۇشىنى «تېررورىزمنى ماختاش جىنايىتى» بىلەن ئەيىبلەپ بىر يىللىق قاماق جازاسى ۋە مىڭ دىنار (330 دوللار) جەرىمانە جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

بىر ساقچى ئەلغەننۇشىنىڭ 2022-يىلى 2-ئايدىكى بىر دەپنە مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى «تاغۇت» دەپ ھاقارەت قىلغانلىقى توغرىسىدا سوتقا ئەرز سۇنغانىدى.

تۇنىس يەرلىك سوت مەھكىمىسى بۇ ئەرزگە ئاساسەن ئەلغەننۇشىنى تەكشۈرۈش ۋە سوتلاشنى قارار قىلغانىدى.

«ئەننەھدە ھەرىكىتى» نىڭ رەھبىرى ئەلغەننۇشى «دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە سۈيقەست قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش داۋامىدا قولغا ئېلىنغانىدى.

ئەلغەننۇشى تەكشۈرۈش دائىرىسىدە 17-ئاپرېل كۈنى قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر