خىتاي بىر ئامېرىكا پۇقراسىنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلدى

خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دائىملىق تۇرۇش كېنىشكىسى بار بىر ئامېرىكا پۇقراسى جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1986734
خىتاي بىر ئامېرىكا پۇقراسىنى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جېجياڭ ئۆلكىسى سۇجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2021-يىلى ئاپرېلدا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان جون سىڭۋان لېيۇڭ (John Şing-van Leung) ئۈستىدىن ھۆكۈمىنى ئېلان قىلدى.

مەھكىمە يېپىق شەكىلدە ئېچىلغان سوتتا، 78 ياشلىق ئامېرىكا پۇقراسىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، 500 مىڭ يۈەن (72 مىڭ دوللار) جەرىمانە قويدى.

خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە، لېيۇڭنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتايدا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار سودىگەر ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

لېيۇڭ 1985-يىلى گۇاڭجۇ شەھىرى بىلەن ئامېرىكانىڭ ئوكلاخوما شەھىرى ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق پائالىيەتلىرى قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرغان بولۇپ، خىتاي-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا سودا ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش،  مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن قېتىم ئامېرىكا يەرلىك سىياسەتچىلىرى ۋە سودىگەرلىرىنى خىتايغا ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرغان.

ئىگىلىنىشچە، لېيۇڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي-ئامېرىكا دوستلۇق جەمئىيىتى 2020-يىلى خوڭكوڭدا ماقۇللانغان دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلغان.

ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ۋە خوڭكوڭ-ماكاۋ (ئاۋمېن) كونسۇلخانىلىرى لېيۇڭنىڭ سوتى توغرىسىدا ھازىرچە بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر