ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىندە ئۇرۇش توختىتىش توغرىلىق چاقىرىقتا بولدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيە ۋە ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىندە يېقىندىن  بۇيان بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىدا بولدى.

1985707
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىندە ئۇرۇش توختىتىش توغرىلىق چاقىرىقتا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ يېڭى زوراۋانلىق دولقۇنى، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىشى ۋە غەززە ئەتراپىدىكى ئۆزگىرىشلەردىن، جۈملىدىن بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى قاتارلىق ئەھۋاللاردىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا.»

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ۋە ئىسرائىلىيەگە قارشى راكېتامىيوت ھۇجۇملىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى، بۇنىڭغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تەرەپلەر ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرىق قىلىندى ھەمدە ميۇنخېن گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلەشمە باياناتىغا ئەمەل قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى بولۇپمۇ مىسىرنىڭ دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىغا ئالاھىدە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ.»

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 9-ماي كۈنى (2023) تاڭ سەھەردە «ئىسلامى جىھاد ھەرىكىتى» نىڭ رەھبەرلىكىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قامال ئاستىدىكى غەززەگە ھۇجۇم قوزغىغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇملاردا، ئىسرائىلىيە ھازىرغا قەدەر «ئىسلامى جىھاد ھەرىكىتى» نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن بەشىنى ئۆلتۈرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئىسلامى جىھاد ھەرىكىتى» راكېتامىيوت قىسمىنىڭ مەسئۇلى ئەلى ھەسەن گالىمۇ بار ئىكەن.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىدا جېنىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 29 غا يەتكەن، يارىلانغانلارنىڭ سانى بولسا 90 دىن ئېشىپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر