رۇسىيە ئۇكرائىنانى پۇتىنغا سۇيىقەست قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى

رۇسىيە ئۇكرائىنانى تۈنۈگۈن كېچە پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن، رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرېمىلغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

1982254
رۇسىيە ئۇكرائىنانى پۇتىنغا سۇيىقەست قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «رىئا نوۋوستى» ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن تارقىتىلغان رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا، كىرېمىل سارىيىنىڭ ھۇجۇمغا «پىلانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ باھا بېرىپ، ئىنتىقام ئېلىش ھوقۇقىنى ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، پۇتىننىڭ كىرېمىل سارىيى تاملىرى ئىچىدىكى تۇرالغۇسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا ئىككى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى، ئەمما بۇ ئاپپاراتلارنىڭ رۇسىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە پۇتىننىڭ ھۇجۇم پەيتىدە كىرېمىل سارىيىدا ئەمەسلىكىنى، شۇڭا يارىلانمىغانلىقىنى ۋە كىرېمىل بىناسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر