ئامېرىكا بىلەن دۇنيا بانكىسى تۇنىسقا بۇغداي ياردەم قىلدى

ئامېرىكا قۇرغاقچىلىق ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئاشلىق كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەن تۇنىسنى 25 مىڭ توننا بۇغداي بىلەن تەمىنلىدى.

1978048
ئامېرىكا بىلەن دۇنيا بانكىسى تۇنىسقا بۇغداي ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ تۇنىستا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «تۇنىس خەلقىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئاشلىق كىرىزىسىنى يېڭىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن دۇنيا بانكىسى تەمىنلىگەن 25 مىڭ توننا بۇغداي تۇنىس ئاشلىق ئىشخانىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى سايىسىدا تۇنىس پورتىغا يەتكۈزۈلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۇنىس ئاشلىق ئېھتىياجىنىڭ %70 نى ئىمپورت قىلىدىكەن.

قۇرغاقچىلىق، كوۋىد -19 يۇقۇمى ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان تۇنىستا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاشلىق كىرىزىسى يۈز بەرمەكتە.

ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى 70 يىلنىڭ ئەڭ قۇرغاق يىللىرىنىڭ بىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تۇنىستىكى توسمىلارنىڭ سۇ سەۋىيەسى %30 نىڭ ئاستىغا چۈشۈپ قالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر