ئامېرىكا تۈركىيەگە F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش سايمانلىرىنى سېتىپ بېرىدۇ

ئامېرىكا تۈركىيەگە «كۆپ خىل ئۇچۇر تارقىتىش سىستېمىسى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان تاكتىكىلىق سانلىق مەلۇمات ئۇلىنىشى سىستېمىسى — Link-16 زاپچاسلىرىنى سېتىپ بېرىش ئارقىلىق ھازىرقى F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تەستىقلىدى.

1976251
ئامېرىكا تۈركىيەگە F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش سايمانلىرىنى سېتىپ بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيەگە «كۆپ خىل ئۇچۇر تارقىتىش سىستېمىسى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان تاكتىكىلىق سانلىق مەلۇمات ئۇلىنىشى سىستېمىسى — Link-16 نىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش زاپچاسلىرىنى سېتىپ بېرىش ئارقىلىق ھازىرقى F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنى ئىلغارلاشتۇرۇشنى تەستىقلىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئورگىنى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «(ئامېرىكا) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيەگە مۆلچەر قىممىتى 259 مىليون دوللارغا يېتىدىغان نۆۋەتتىكى مەۋجۇت F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن ئالاقىدار ئۈسكۈنىلەرنى سېتىپ بېرىشنىڭ ماقۇللىنىشىغا قارار قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سېتىپ بېرىشنى تەستىقلاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى بايانات بېرىپ: «تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو تەرەپتە تۇرۇۋاتقان قىممەتلىك ئىتتىپاقداش» (ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو) بايدىن ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ F-16 فىلوتىنى ئۆلچەملىك ھالەتكە كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقىنى قوللىماقتا» دېدى.

بۇ سېتىش قارارىنىڭ تۈركىيەنىڭ ناتو بىلەن بولغان ئۆزئارا ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا سوقۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش سىستېمىسى قاتارلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان مەزكۇر ئەمەلدار: «بۇ ھەم تۈركىيە ھەمدە تۈركىيە بىلەن ئورتاق ۋەزىپلەرنى ئورۇنداشقا ئىشتىراك قىلىدىغان بارلىق ئىتتىپاقداشلار ۋە شېرىكلەرنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشى ۋە ئۇچۇش بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن مۇھىم» دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ مىنىستىرلىقنىڭ قارارىغا ناتو ئەزالىرىغا بېرىلگەن سېتىشنى تەستىقلاش ئۈچۈن 15 خىزمەت كۈنى، ناتوغا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەرگە 30 خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقى بار.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رەسمىيەت سۈپىتىدە سېتىش پىلانلىرىنى دۆلەت مەجلىسىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن رەسمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر