ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى چاقىرىلدى

ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، ئىران، خىتاي، پاكىستان ۋە رۇسىيە ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئورتاق مېخانىزمنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشى مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

1974920
ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىر ۋەكىلى بەختىيار سەئىدوۋنىڭ ساھىبخانلىقىدا چقىرىلغان ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان، تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىراقىددىن مۇھرىددىن، پاكىستان تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى خىنا راببانى خار ۋە تۈركمەنىستان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەپا ھاجىيېۋ قاتارلىقلار قاتناشتى.

ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىغىن خۇلاسىسى توغرىسىدىكى يازما باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، مىنىستىرلار ئافغانىستان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئورتاق مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈش مەسىلىسى بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، زەھەرلىك چېكىملىك ​​ياساش ۋە ئەتكەسچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلغان مىنىستىرلار، ئافغانىستاندىكى مەۋجۇت ئەھۋال، ھەممىگە قۇچاق ئاچقان ھۆكۈمەت قۇرۇش، ئاياللارنىڭ خىزمەت قىلىش ۋە ئوقۇش ئىمكانىيەتلىرى بىلەن  ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق دۇنيا جامائىتى تەلىپىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يولغا قويۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى. مىنىستىرلار ئافغانىستاننىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىشنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى رايونلار ئارا مۇناسىۋەتنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر