مېكسىكادا ئازگاللاردىن نۇرغۇن جەسەتلەر تېپىلدى

مېكسىكانىڭ ۋېراكرۇز ئۆلكىسىدە 18 ئازگالدا ئېلىپ بېرىلغان قېزىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا 20 نەچچە ئادەمنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

1973875
مېكسىكادا ئازگاللاردىن نۇرغۇن جەسەتلەر تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئەترەتلەر كوردبا شەھىرىدىكى ئازگاللاردا يېقىندىن  بۇيان ساقچى ئىتلىرىنىڭ ياردىمىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قېزىپ تەكشۈرۈش داۋامىدا كۆپ ساندا جەسەتلەرنى تاپقان.

18 ئازگالنى قېزىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا 20 نەچچە جەسەت تېپىلغان بولۇپ، 22 ئازگالدا قېزىپ تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا ئىكەن.

 مېكسىكا باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئازگاللاردىن تېپىلغان جەسەتلەر تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن قانۇن دوختۇرخانىسىغا ئەۋەتىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، رايوندىكى ئازگاللاردا قېزىپ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر