ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى رۇسلارنى ئامېرىكانى ئىستىخبارات بىلەن تەمىنلەشكە چاقىردى

ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سىن كۆرۈنۈشى ھەمبەھرىلەپ، رۇسلارنى ئامېرىكانى ئىستىخبارات (دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرى) بىلەن تەمىنلەشكە چاقىردى.

1972571
ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى رۇسلارنى ئامېرىكانى ئىستىخبارات بىلەن تەمىنلەشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «فوكۇس خەۋەرلەر» قانىلىنىڭ بىر خەۋىرىدە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئايىغى چىقماس ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، رۇسىيەگە مۇناسىۋەتلىك ئىستىخبارات خىزمىتىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يۈزلەنگەنلىكى تەكىتلەندى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى فېيسبۇك ۋە تۋىتتېردا ئېلان قىلىنغان بىر سىن كۆرۈنۈشىدە، ۋاشىنگتون ۋە رۇسىيە ئەلچىخانىسىنىڭ رەسىملەرگە ئورۇن بېرىلدى. كىشىلەرگە ئامېرىكانى دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىگەن تەقدىردە، كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

سىن كۆرۈنۈشىدە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش بۆلۈمى خادىمى ئالان كوخلېرنىڭ: «فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى سىزنى قەدىرلەيدۇ، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى سىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ، ئەمما بىرىنچى قەدەمنى بېسىش ھوقۇقى پەقەت سىزنىڭلار قولىڭىزدا» دېگەن سۆزلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ سابىق موسكۋا ئىشخانىسى باشلىقى دان خوفمان مەزكۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئۇچۇرلىرىنىڭ «ئېنىق» ۋە «ئاقىلانە» ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ «ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە ئامېرىكانىڭ رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئېھتىمالى بارلىقى»نى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر