ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئوتتۇرا شەرققە ئورۇنلاشتۇردى
ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئوتتۇرا شەرققە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
1972376
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى 5- فىلوتى قوماندانى مايور تىم خاۋكىنس بايانات بېرىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ 6- ئاپرېل رايونغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ گىرۇزىيە پورتىدا تۇرۇۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن USS فلورىدا يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ 7- ئاپرېل سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
خاۋكىنس مەزكۇر يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ 154 دانە توماخاۋك چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ 5- فىلوتنىڭ رايوننىڭ دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشىغا ياردەمچى بولۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.