فىرانسىيەدە پارتلاش يۈز بەرگەن بىنادىن ئىككى كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

فىرانسىيەنىڭ مارسېليا شەھىرىدە تۈنۈگۈن (2023-يىلى 9-ئاپرېل) پارتلاش يۈز بەرگەن بىنادىن ئىككى كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

1972193
فىرانسىيەدە پارتلاش يۈز بەرگەن بىنادىن ئىككى كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك دائىرىلەر ئالتە كىشىدىن تېخىچە خەۋەر يوقلۇقىنى ۋە ئىزدەپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سەۋەبى ئېنىق بولمىغان پارتلاش يەكشەنبە كۈنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 00:49 ئۆتكەندە لا پلېن رايونىدا يۈز بەرگەن ئىدى.

بىنا خارابىلىقى ئاستىدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈن بويىچە تەخمىنەن 100 گە يېقىن ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى خىزمەت قىلدى.

مۇپەتتىشلەر بىنادا گاز چىقىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى تەكشۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر