ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرققە باشقۇرۇلىدىغان بومبا توشۇيدىغان يادرو سۇ ئاستى پاراخوت ئورۇنلاشتۇردى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرققە باشقۇرۇلىدىغان بومبا توشۇيدىغان يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
1971897
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئامېرىكا 5-فىلوتىنىڭ قوماندانى مايور تىم خاۋكىنس سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ 6-ئاپرېل رايونغا كىرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
خاۋكىنس گرۇزىيە پورتىغا تەۋە «USS Florida» ناملىق يېتەكچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا توشۇيدىغان يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ 7-ئاپرېل سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
خاۋكىنس سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ 154 دانە توماخاۋك چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ 5-فىلوتنىڭ رايونلۇق دېڭىز بىخەتەرلىكىنى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.