Airbus شىركىتى خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە

ياۋروپا ئايرۇپىلان ياساش شىركىتى Airbus گۇرۇھى خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىدىكى زاۋۇتىغا يېڭى قۇراشتۇرۇش لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1971751
Airbus شىركىتى خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىمۇ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ Airbus شىركىتىدىن 160 يولۇچىلار ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىنى تەستىقلىغان بولۇپ، بۇ دائىرىدە 150 دانە «A320» تىپلىق ۋە 10 دانە «A350-900» تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى خىتاي ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.

بۇ كېلىشىملەر فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ خىتاي زىيارىتىگە قاتناشقان سودا – سانائەتچىلەر ھەيئىتىدىن ئورۇن ئالغان Airbus شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى گۇلائۇمې فائۇرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

Airbus شىركىتىنىڭ «ئاسىيا ھەل قىلغۇچ قۇراشتۇرۇش لىنىيەسى» (FALA) دەپ ئاتىلىدىغان تيەنجىن شەھىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى 2008-يىلى پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.

خىتاي دۆلەت ئىگىلىگىدىكى «ئۈچ چوڭ» ئاۋىياتسىيە شىركىتى AirChina،  China Southern  ۋە China Eastern بۇلتۇر Airbus شىركىتىدىن جەمئىي 292 دانە ئايروپىلان سېتىۋېلىشقا ۋەدە بەرگەنىدى.

 ماكروننىڭ زىيارىتى جەريانىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم بۇ ھەقتىكى زاكاسلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر