ياپونىيەدە يوقاپ كەتكەن ھەربىي تىك ئۇچارنى  ئىزدەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا

ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا راداردىن غايىب بولغان ھەربىي تىك ئۇچار ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنى ئىزدەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.

1971395
ياپونىيەدە يوقاپ كەتكەن ھەربىي تىك ئۇچارنى  ئىزدەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن كەچتە ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبىدا راداردىن غايىب بولغان ۋە ئىچىدە 10 ئادەم بار قۇرۇقلۇق ئارمىيە مۇداپىئە قىسىملىرىغا ئائىت تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئىزدەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا ئىكەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، مەزكۇر تىك ئۇچارنىڭ قۇتقۇزۇش پاراخوتى، ئەينەك رامكىسى ۋە قانىتى قاتارلىق بىر قىسىم زاپچاسلىرى تېپىلغان.

مۆلچەرلىنىشىچە، ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ كۇماموتو ئۆلكىسىدىكى تاكايۇبارۇ ھەربىي بازىسىغا تەۋە «UH-60JA» تىپلىق كۆپ ئىقتىدارلىق تىك ئۇچار ئايروپىلاندا قوزغالغاندىن كېيىنلا تېخنىكىلىق كاشىلا كۆرۈلگەن.

بۇ ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى 16:30 ئەتراپىدا ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ مىياكوجىما ئارىلىغا يېقىن جايدا رادار بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانىدى.

بۇ تىك ئۇچاردا 2 ئۇچقۇچى، 2 تېخنىك خادىم ۋە 6 ئايروپىلان خادىمى قاتارلىق 10 كىشى بار ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر