سېرگېي لاۋروۋ تۈركىيەدە ئىككى كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ 6-، 7- ئاپرېل كۈنلىرى تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

1970662
سېرگېي لاۋروۋ تۈركىيەدە ئىككى كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر سېرگېي لاۋروۋنىڭ (تۈركىيە) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە خەلقئارانىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ھەر خىل مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، لاۋروۋ بىلەن چاۋۇشئوغلۇنىڭ نۇقتىلىق ھالدا ئۇكرائىنا، جەنۇبىي كاۋكاز، ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا ۋە قارا دېڭىز رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

رۇسىيە تەرىپىنىڭ «ياخشى نىيەت ئىپادىسى» سۈپىتىدە، مۇددىتى 60 كۈن ئۇزارتىلغان ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى توغرىسىدىمۇ سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «بولۇپمۇ تۈرك شېرىكلىرىمىزنىڭ ياردىمىدە پەقەت ئۇكرائىنا ئاشلىقىنىڭ دۇنيا بازارلىرىغا يۆتكىلىشى نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، خەلقئارادىكى ئىقتىسادىي كۈچلەرنىڭ رۇسىيەنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ئوغۇتلىرىغا ئېرىشىشىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىماسلىقى نۇقتىسىدىنمۇ بىز بۇ كېلىشىملەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۆزلەۋاتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر