ئەنگلىيەدە مىڭلىغان ئىشچىلار ئىش تاشلايدۇ

فىرانسىيەدىكى ئىش تاشلاش دولقۇنى بۇ قېتىم ئەنگلىيەدىمۇ قوزغالماقتا.

1970375
ئەنگلىيەدە مىڭلىغان ئىشچىلار ئىش تاشلايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە مۇھىت ئىدارىسىنىڭ مىڭلىغان خىزمەتچىسى تۆت كۈنلۈك ئىش تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئىشچىلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىشچىلار بۇ ئايدا (2023-يىلى ئاپرېل)مائاش ئىختىلاپى سەۋەبىدىن تۆت كۈنلۈك ئىش تاشلايدىكەن.

بىرلەشمە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، نەچچە ئاي داۋاملاشقان ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە قارىماي، ۋەزىرلەرنىڭ ئىشچىلار ئويۇشمىلىرىنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن سانائەت ھەرىكىتى قوزغىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر