ۋولودىمىر زېلېنسكىي پولشانىڭ ئەڭ ئالىي شەرەپ ئوردېنىغا ئېرىشتى

پولشا پرېزىدېنتى ئاندرېزېج دۇدا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىيغا پولشانىڭ ئەڭ ئالىي شەرەپ مېدالىيونى بولغان «ئاق بۈركۈت ئوردېنى» نى تەقدىم قىلدى.

1970437
ۋولودىمىر زېلېنسكىي پولشانىڭ ئەڭ ئالىي شەرەپ ئوردېنىغا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى پولشا پىرېزىدېنتى دۇدا «ئاق بۈركۈت ئوردېنى» نى پىرېزىدېنتلىق سارىيىدا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىيغا تەقدىم قىلدى.

پىرېزىدېنت دۇدا پولشا بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا نامايان قىلغان پەزىلىتى ئۈچۈن زېلېنسكىيغا رەھمەت ئېيتتى.

ئۇ زېلېنسكىينىڭ بىخەتەرلىك پائالىيەتلىرى، ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئىرادىسى ئۈچۈن «ئاق بۈركۈت ئوردېنى» تەقدىم قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

دۇدا دۆلەت ئوردېنى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە، «ئاق بۈركۈت ئوردېنى پولشانىڭ ئەڭ قەدىمكىي ۋە ئەڭ قىممەتلىك مېدالى ھېسابلىنىدۇ. پولشا جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تۇرمۇشقا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئىمتىيازلىق كىشىلەرگىلا تەقدىم قىلىنىدۇ. شۈبھىسىزكى، زېلېنسكىي ئەپەندىمۇ ئالاھىدە كىشىدۇر. ۋەتەنگە قىلغان خىزمىتىڭىزنى ھەر كۆرگىنىمىزدە كۆز ياشلىرىمىزنى يوشۇرۇش ناھايىتى تەس بولماقتا. سىز نە ئۇكرائىنانى،  نە يۇرتداشلىرىڭىزنى تاشلىمىدىڭىز. سىز دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۈلگىلىك رەھبىرى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر