خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى تەيۋەن بوغۇزىدا مانېۋىر باشلىدى

بۈگۈن (2023-يىلى 5-ئاپرېل) تەيۋەن رەھبىرى سەي يىڭۋېننىڭ ئامېرىكا زىيارىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى تەيۋەن بوغۇزىدا مانېۋىر باشلىدى.

1970411
خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى تەيۋەن بوغۇزىدا مانېۋىر باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا مانېۋىر باشلىغان ۋاقتىنىڭ بۈگۈن تەيۋەن رەھبىرى ت سەي يىڭۋېننىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى كېۋىن ماككارتى ۋە پارتىيەلەر ئارا پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئۆتكۈزۈدىغان ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرىگە توغرا كېلىشى، ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

تەيۋەن رەھبىرى سەي يىڭۋېن  بېلىزنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، بۈگۈن ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىغا بېرىپ، سىمى ۋاللېي  شەھىرىدە مەككارتى ۋە پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

رونالد رېگان پىرېزىدېنتلىق كۇتۇپخانىسىدا ئاخبارتچىلار بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يېپىق ئۇچرىشىشىتىن كېيىن، سەي يىڭۋېننىڭ مەتبۇئاتلارغا بايانان ئېلان قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

خىتاي تەيۋەننى ئۆز زېمىنىنىڭ بىر پارچىسى دېگەن دەۋاسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە، تەيۋەن بولسا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1949-يىلدىن بۇيان ئەمەلىي مۇستەقىللىققا ئىگە بولغان ئىدى.

خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن پەيدا بولغان بۇ ئايرىلىش ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.

خىتاي «بىر خىتاي» سىياسىتىنى تەكىتلەپ، تەيۋەننىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن مۇستەقىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا شۇندقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ۋەكىل تۇرغۇزىشىغا قارشى چىقىپ كەلمەكتە. ئۆزىنى  ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرگە تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ تاشلاشنى شەرت قوشۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر