دائېشنىڭ ياۋروپا ۋە تۈركىيەدە ھۇجۇم پىلانلاشقا مەسئۇل كاتتىبېشى ئۇجۇقتۇرۇلدى

ئامېرىكا سۈرىيەدە ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ياۋروپا ۋە تۈركىيەدە ھۇجۇم پىلانلاشقا مەسئۇل كاتتىبېشى خالىد ئەيد ئەھمەد ئەل جەبۇرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1969928
دائېشنىڭ ياۋروپا ۋە تۈركىيەدە ھۇجۇم پىلانلاشقا مەسئۇل كاتتىبېشى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) نىڭ يازما باياناتىدا، سەيشەنبە كۈنى (4-ئاپرېل) سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا دائېش كاتتىبېشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، ھۇجۇمدا ھېچقانداق پۇقرانىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، ئەل جەبۇرىنىڭ دائېشنىڭ ياۋروپا ۋە تۈركىيەدە ھۇجۇملارنى پىلانلاشقا مەسئۇل كاتتىبېشى ئىكەنلىكى ھەمدە تۈركىيەدىكى ئاتالمىش ​​باشقۇرغۇچى خادىملىرى قۇرۇلمىسىدا رول ئوينىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «ئەل جەبۇرىنىڭ ئۆلۈمى دائېشنىڭ ھۇجۇم پىلانلاش ئىقتىدارىنى ۋاقتىنچە بۇزۇپ تاشلىدى» دېيىلدى. ئەمما، ئەل جەبۇرىنىڭ ھازىرغا قەدەر قايسى ھۇجۇملارنى پىلانلىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.

دائېشنىڭ ھازىرمۇ ئوتتۇرا شەرق ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا «تەھدىت بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى» ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر