ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا خىتايغا رۇسىيە توغرىسىدا سىگنال بەردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ ئالىي ۋەكىلى بوررېل ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشكەندە، خىتاينىڭ ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىقىغا تۆھپە قوشۇشى كېرەكلىكى سىگنالىنى بېرىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1969665
ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا خىتايغا رۇسىيە توغرىسىدا سىگنال بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېل بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا-ئامېرىكا ئېنېرگىيە كېڭىشى يىغىنى دائىرىسىدە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن بىلەن ئايرىم كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بوررېل بلىنكېن بىلەن ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى، ئېفىيوپىيە ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

بوررېل رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىسىمۇ تاجاۋۇزچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بېلارۇسىيەگە توشۇلغان يادرو قوراللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى يادرو قىمارى، ۋەزىيەتتە يېڭىدىن قاتتىق كەسكىنلىشىشكە سەۋەب بولىدۇ ۋە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. كۈلكىلىك يېرى شۇكى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تىنچلىققا ئېھتياجلىق ئىكەنلىكلىرى توغرىسىدا سۆز قىلىپ، يادرو قوراللىرىنى چەت ئەللەرگە ئورۇنلاشتۇرماسلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن موسكۋانى زىيارەت قىلدى» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن بىلەن خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىشىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى، خىتاينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارالىق قانۇن بويىچە ئىش قىلىشىنى ۋە «تاجاۋۇزچى» نى قوللىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «خىتاينىڭ ئادىل تىنچلىق ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتى بار. خىتاي تاجاۋۇزچى تەرەپتە تۇرسا بولمايدۇ. بۇ بىزنىڭ بۈگۈنكى كۆرۈشۈشتىن ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي زىيارەتلىرىدىن بېرىشنى خالايدىغان سىگنالىمىزدۇر» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەگە داۋاملىق بېسىم قىلىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر