گوللاندىيەدە يولۇچىلار پويىزى بىلەن يۈك پويىزى سوقۇلۇپ كەتتى

گوللاندىيەنىڭ جەنۇبىدا بىر يولۇچىلار پويىزى يۈك پويىزى بىلەن سوقۇلغاندىن كېيىن رېلىستىن چىقىپ كەتتى.

1969282
گوللاندىيەدە يولۇچىلار پويىزى بىلەن يۈك پويىزى سوقۇلۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەنىڭ جەنۇبىدا بىر يولۇچىلار پويىزى يۈك پويىزى بىلەن سوقۇلغاندىن كېيىن رېلىستىن چىقىپ كەتتى؛ ۋەقەدە بىر ئادەم قازا قىلدى، 30 ئادەم ئېغىر يارىلاندى.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، لاھەي بىلەن ئامىستېردام ئارىلىدىكى ۋورشوتېن بازىرىغا كۆپ ساندا جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىلدى.

گوللاندىيە تۆمۈر يول شىركىتى قازاغا ئۇچرىغان مەزكۇر پويىزدا 50 يولۇچىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، سوقۇلۇشتىن كېيىن، يولۇچىلار پويىزىنىڭ پاراۋۇزى رېلىستىن چىقىپ كەتكەن، ئارقا تەرەپ ئىتتىرگۈچى بۆلۈمىگە ئوت كەتكەن.

ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن لېيدىن بىلەن لاھەي ئوتتۇرىسىدىكى پويىز قاتنىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

يارىلانغانلارنىڭ بەزىلىرى نەق مەيداندا داۋالانغان، يەنە بەزىلىرى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ بالنىستقا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر