ئىسپانىيەدە بىر بېلىقچى پاراخوتى دېڭىزدا چۆكۈپ كەتتى
ئىسپانىيەنىڭ كانتابرىيا دېڭىزىدا بىر بېلىقچى پاراخوتىنىڭ سۇغا چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1969043
![ئىسپانىيەدە بىر بېلىقچى پاراخوتى دېڭىزدا چۆكۈپ كەتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/79a1/0847/892e/5b7a5e1a98710.jpg?time=1718928126)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە كانتابرىيا ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ پىرېزىدېنتى ئانگېل رېۋىللا تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، 10 كىشى بار بولغان «1-ۋىللابوا» (Villaboa 1) ناملىق بېلىقچى پاراخوتىنىڭ مايور بۇرنى تەۋەلىكىدە سۇغا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئۇچۇرىدا: «دېڭىزىمىزدا يەنە يېڭى بەختسىزلىك. (1-ۋىللابوا) پاراخوتى بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 05:30 دا مايور بۇرنى تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتتى. پاراخوتتىكى يەتتە بېلىقچى قۇتقۇزۇۋېلىندى، ئىككى بېلىقچىنىڭ جەسىتى تېپىلدى، بىر بېلىقچى يوقاپ كەتتى» دېدى.